فېۋرال 21

ئۇچۇپ كېلىسىلەر ئاينىڭ نۇرىدەك
قارايمەن زوقلىنىپ پەرۋازىڭلارغا.
سىزىمەن، چاكۇ-چاك بولار زۇلمىتىم،
كۆيۈپ قالىمەن ئاۋازىڭلارغا!
كۆرگىلى بولمايدۇ، بولماس تۇتقىلى،
نىھايەت يېتەرلىك ئۇنى ھېس قىلىش.
تۇپراقلار، ئاسمانلار، يوللار دەرەخلەر…
بۇسۇغام ئالدىدا گۈزەل بىر تېۋىش.
بېشىمغا قۇنۇڭلار مەغرۇر ۋە ئاستا،
پايانسىز دالىدا تۇراي قارىغايدەك.
ھىدىڭلارنى پۇراپ، تىنىقىڭلارنى ئاڭلاپ
ئويغانسۇن چۆچۈپ ئۇيقۇلۇق يۈرەك!
2013-يىلى ئانا تىل بايرىمى كۈنى
يانۋار 09

بۇ بىر شەھەر كۈز يامغۇرىدەك
ئويلىرىمغا تامچىلار ھەردەم.
ۋاراقلايمەن ئۇنىڭ ھەر بېتى
ئونبەش ياشقا توشمىغان سەنەم.
مەن قېلىچمەن قېنىدا ياتقان
ياكى ئاتمەن ئاچچىق پوشقۇرغان.
دېرىزەمدە يۇچۇن بىر سەھەر
خاتىرەمدە قان رەڭلىك ئاسمان.
ئاستا-ئاستا چۈشمەكتە گۈگۇم
توختىماقتا ئاخىرقى ناخشا.
سۆزلەردىن داپ كىرىپ بۇ شائىر
ئۆز-ئۆزىنى چالماقتا.
نويابىر 25
بىرىنچى چوڭ قىلتاق: ئۆي-مۈلۈك
ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىش نىمىدن دىرەك بىرىدۇ؟ ئو سىزنىڭ ئۈزىڭىزگە تەۋە ئۆيگە ئىگە بولغانلىغىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ. توغرا، سىز مۇشۇنداق دەپ قارايسىز، لېكىن جوڭگۇدا بۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئامالىڭىز يوق، ئۇ پەقەت سىزگە ئىجارىگە بىرىلگەن. چۈنكى ئۆي سىزنىڭ بولغان بىلەن، يەر سىزنىڭ ئەمەس، سىزگە پەقەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى 70يىللىق ئىجارىگە بىرىلگەن خالاس (ھازىردىن70يىل مۇقەددەم ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلدىكى ئۆيلەرنى كىم كۆرۈپتۇ؟). ئۆيلەر ئادەتتە 30يىلدا بىر قېتىم يېقىلىش ياكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشكە دوچار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ دىگەنلىك سىز ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى خەجلەپ، پەقەت ئۆي ئىجارە ئېلىشتەك ئەمىلى ئۈنۈمگە ئېرىشتىڭىز دىگەن گەپ. ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ يامان ئاقىۋەت ئەمەس، ئەڭ يامان يىرى __ سىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن ئالدانغانلىغىڭىزنى بايقشىڭىزدۇر. بىر توپ لۈكچەكلەر ئۆمۈرلۈك جوغلانمىڭىزغا سېتىۋالغان ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، يوغان قىلىپ «چېقىلىدۇ» دىگەن خەتنى يېزىپ قويۇشسا، ئۆي بىساتلىرىڭىزنى ئەخلەت ئورنىدا كوچىغا تاشلىۋەتسە، سىزنىڭ يېلىنىشلىرىڭىزغا پەرۋا قىلشمىسا، ھەتتا گىزىتكە ئېلان بىرىپ «مىق ئائىلە» دىگەندەك سېسىق نامىڭىزنى تارىتىپ، ئەل يۇرتىنىڭ ئاھانىتىگە قويسا……مانا شۇ ۋاقىتتىلا سىز نىمىنىڭ ھەقىقى ئۆمىدسىزلىنىش ئىكەنلىگىنى بىلىسىز.
نويابىر 09

سۆزۈم بار لېۋىمدە مەي بولۇپ پىشقان،
ئاڭلاشقا يار بارمۇ قولىقى ئويغاق؟
كۆزلىرىم يۇلتۇزغا لىق تولغان ئاسمان،
بارىمەن ئۆزۈمدىن-ئۆزۈمگە ياياق.
بىر دەستە گۈلۈم بار ئىدى خۇشپۇراق،
(گۈل دېگەن سۇلاتتى) بىلمىدى ھېچكىم.
خاتىرەم بېتىدە تۈمەنمىڭ سوراق،
بۇ قەدەر دەرتلىرىم بەختىمدۇر، بەلكىم…
تەنھالىق – كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى،
سېغىنىش – بىر يۇتۇم سۇدۇر نىھايەت.
ئىشىكىم چېكىلەر ھېلىدىن – ھېلى
ئاخىرقى غازاڭغا سۆزلەپ رىۋايەت…
سېنتەبىر 25
مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئاپتورى نۇر روزى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتتى. نۇر روزى 1938-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان. «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىسى ۋە «ئەنجانباي» ناملىق رومانى بىلەن كىتابخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى
(ھېكايە)
نۇر روزى

تولۇق ئوقۇيمەن »
سېنتەبىر 15

ئىلاۋە: شۇ جاي ۋاقتى 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، ئالما شىركىتى ئامېرىكا سان فرانسىسكو چىملىق سەنئەت مەركىزى (Grass Art Center in San Francisco, USA) تۈمەنلىگەن كۆزلەر تىكىلگەن يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، كىشىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك ئالما يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون مەھسۇلاتى iPhone 5 ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا iOS 6 نىڭ يېڭى ئەھۋالىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى . كېيىنلا iPod تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يىغىنغا نىسبەتەن ھەممە كىشىلا ئۆزى ئويلىغاندەك رازى بولۇپ كېتەلمىدى. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدىم.
تولۇق ئوقۇيمەن »
سېنتەبىر 13

(ئەدەبىي ئاخبارات)
مىڭچىبى لولۇلۇ (موڭغۇل)
توختى باقى ئارتىشى تەرجىمىسى
1.پاكىتلارنىڭ قىستىشى
جۇڭگو، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئىي، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار، چوڭ ياۋچىلار،ساكلار، ئېفتالىتلار، چاڭلار، تۈبۈتلەر، تۈركلەر، سىيانپىيلار، قىتانلار، جۇرجانلار، موڭغۇللار ياشىغان. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ، قۇدرەت تېپىپ، جاھاننى سورىغان. لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا، بەزىسى كىچىكلەپ، ئاجىزلاپ كەتتى، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بولسا، تارىختىكى بوران- چاپقۇندا راۋاج تېپىپ، زورىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىللىتىگە ئايلاندى، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
بۇرۇنقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، سانسكرىت يېزىقى، پارس يېزىقى، تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا، مانىي دىنىغا، نېستورىيان دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا ئائىت دىنىي كىتابلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان، بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
بىرەر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت، دەپ ئاتىماق تەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلار ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ شامان دىنىغا، مانىي دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا، بۇددا دىنىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دۇنيادا دىن- ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلار شىمالىي موڭغۇل قۇملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ، تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارىمدىكى بىر مۇنچە قەبىلە- ئەللەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى، موڭغۇلنى، قىتانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. شۇنداق زور ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نېمە؟
ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى، بۇنىڭدىكى سىر نېمە؟…
تولۇق ئوقۇيمەن »
سېنتەبىر 08
مۇھەببەتتە قىزلار پاسسىپ ئورۇندا، ئوغۇللار ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇش بەلگىلىنىپ قالغاندەك، ئوغۇللار بىرەر قىزغا كۆيۈپ قالغان ھامان كۆڭلىنى ئىزھار قىلالايدۇ. بۇ جەمئىيەتتىمۇ قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىنى كۆپ ئادەم قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا قىزلار بىرەر يىگىتكە كۆيۈپ قالغاندا، ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاجايىپ خۇپىيانە بولۇپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياكى بولمىسا، ياكى، ناتايىن……. لېكىن، قىزلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ھەرقانچە يوشۇرسىمۇ، ئەمما بىرسىگە كۆيۈپ قالغاندا، يەنىلا مەلۇم ھەرىكەتلىرىدىن كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆيۈپ قالغاندىكى 10 ئەخمىقانە ئىپادىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

تولۇق ئوقۇيمەن »
ئاۋغۇست 30

چاناق قەلئە ئۇرۇشى
ساڭا تار كەلمەيدىغان قەۋرىلەرنى كىملەر يازسۇن؟
كۆمەيلى سېنى تارىخقا دىسەم پاتمايسەن !
- مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
چاناق قەلئە – بۇ يەر، تۇپرىقىنىڭ ھەر زەررىسى قان بىلەن يۇيۇلغان مۇقەددەس تۇپراقلار. يىقىلغان بىر ئىمپېراتورلۇق بىلەن بىللە پۇتۇن ئۇمىدلىرىنى يوقاتقان ئوسمان تۇركلىرىنىڭ قايتىدىن تىرىلىشى. تەك ۋۇجۇت ھالىغا كەلگەن بىر مىللەتنىڭ ئوكيانلارنى تولدۇرغۇدەك قانلار ئېقىتىپ، يۇزمىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلىپ، يۇرتىنى قۇتۇلدۇرۇپ، خەلىقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى زامانىۋى، مەدەنى ۋە يېپ – يېڭى بىر دۆلەتنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يارىتىلىپ مىللەتكە ئۆتكۇزۇپ بېرىلگەن بىر تۇپراقلار. چاناق قەلئە – بۇ يەر، دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان بىر ئۇرۇشنىڭ يۇز بەرگەن، دۇنيا تارىخىدىكى بىردىنبىر ئاسماندا، يەردە، سۇدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش بولغان، ئەڭ تار يەردە ئەڭ جىق ئادەم قاتناشقان، ھەر بىر كۋادىرات مېتىرغا 6000 پاي ئوق چۇشكەن، ھاۋادىكى ئوقلارنىڭ بىر -بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كۆزلەرنى قاماشتۇرغان، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا << ئەڭ مەشھۇر مۇداپىئە ئۇرۇشى >> دەپ ئاتالغان بىردىنبىر ئۇرۇش .!!! تولۇق ئوقۇيمەن »